0 سۆز/مىنۇت100% توغرىلىق0:00 ۋاقىت
يېزىشنى باشلاڭ
دارۋاز ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي
ماھارەت ئويۇنى. دارۋاز ئۇستىسى
يەردىن ناھايىتى ئېگىز تارتىلغان
ئارغامچا ئۈستىدە ماڭىدۇ. ئۇ
تەڭپۇڭلۇق ئۈچۈن قولىدا ئۇزۇن بىر
تاياق تۇتىدۇ. ئارغامچا ئۈستىدە
ئالدىغا ۋە كەينىگە ماڭىدۇ،
ئولتۇرىدۇ، ھەتتا كۆزىنى تېڭىپمۇ
ماڭىدۇ. بۇ ھۈنەر ئاتىدىن بالىغا
ئۆتىدۇ، ئۇنى ئۆگىنىشكە نەچچە يىل
كېتىدۇ. خەلقىمىز: سەۋرنىڭ تېگى
سېرىق ئالتۇن، دەيدۇ.
0%