0 سۆز/مىنۇت100% توغرىلىق0:00 ۋاقىت
يېزىشنى باشلاڭ
622-يىلى پەيغەمبىرىمىز
ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرى بىلەن
بىللە مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت
قىلدى. يولدا ئۇلار سەۋر غارىغا
يوشۇرۇنۇپ، ئۈچ كېچە تۇردى.
ئۇلارنى ئىزدىگەنلەر غارنىڭ
ئاغزىغىچە كەلدى. ئەبۇبەكرى
ئەنسىرەپ قالدى. پەيغەمبىرىمىز
ئۇنىڭغا: «قايغۇرمىغىن، ئاللا بىز
بىلەن بىللە» دېدى. بۇ سۆز
قۇرئاندا (تەۋبە سۈرىسى، 40-ئايەت)
بايان قىلىنغان. ئۇلار ئامان-ئېسەن
مەدىنىگە يېتىپ باردى.
0%