0 سۆز/مىنۇت100% توغرىلىق0:00 ۋاقىت
يېزىشنى باشلاڭ
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە
دوستلۇق ۋە ياخشى سۆز توغرىسىدا
نۇرغۇن ھېكمەتلەر بار. مەسىلەن:
«ياخشى سۆز جان ئوزۇقى.» يەنى
ئىللىق سۆز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى
ئاچىدۇ، ئۇنى خۇش قىلىدۇ. يەنە
بىرى: «كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.»
يەنى سەن باشقىلارنى چىن كۆڭلۈڭدىن
ياخشى كۆرسەڭ، ئۇلارمۇ سېنى ياخشى
كۆرىدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت ئىللىق
سۆزلەيلى.
0%