0 سۆز/مىنۇت100% توغرىلىق0:00 ۋاقىت
يېزىشنى باشلاڭ
ئۇيغۇرلار ناننى ناھايىتى
ھۆرمەتلەيدۇ. نان داستىخانغا
يۈزىنى ئۈستىگە قىلىپ قويۇلىدۇ.
نان ئۇۋاقلىرى يەرگە چۈشسە،
بالىلار ئۇلارنى تېرىۋېلىپ،
قۇشلارغا بېرىدۇ. ناننى ئۆي ئىگىسى
ئوشتۇپ، ھەممەيلەنگە تەقسىم
قىلىدۇ. قېتىپ قالغان ناننىمۇ
تاشلىۋەتمەي، چايغا چىلاپ يەيدۇ.
چۈنكى نان ئەمگەكنىڭ ۋە بەرىكەتنىڭ
بەلگىسى. ئەمگەك قىلساڭ ئېرىنمەي،
تويار قورسىقىڭ تىلەنمەي.
0%